6-باب — خەۋەر ۋە خەۋەر يەتكۈزگۈچىلەر
GSAM 108.1«غايىبانە كۆرۈنۈشنى يازغىن، ئۇنى تاختىلارغا ئېنىق قىلىپ يازغىن، تاكى ئۇنى ئوقۇغان كىشى يۈگۈرەلىسۇن. چۈنكى بۇ غايىبانە كۆرۈنۈش بەلگىلەنگەن بىر ۋاقىت ئۈچۈندۇر؛ ئۇ ئاخىرىدا سۆزلەيدۇ، يالغان چىقمايدۇ. گەرچە كېچىككەندەك بولسىمۇ، ئۇنى كۈتكىن؛ چۈنكى ئۇ جەزمەن كېلىدۇ، كېچىكمەيدۇ.»1
GSAM 108.2«يەنە كۆردۈمكى، ئاسماننىڭ ئوتتۇرىسىدا يەنە بىر پەرىشتە ئۇچۇۋاتاتتى. ئۇنىڭ يەر يۈزىدە ياشايدىغانلارغا، ھەر بىر مىللەتكە، قەبىلىگە، تىلغا ۋە خەلققە جاكارلايدىغان مەڭگۈلۈك خۇش خەۋىرى بار ئىدى. ئۇ قاتتىق ئاۋاز بىلەن: «خۇدادىن قورقۇڭلار، ئۇنىڭغا شان-شەرەپ بېرىڭلار؛ چۈنكى ئۇنىڭ ھۆكۈم قىلىدىغان ۋاقتى كەلدى. ئاسماننى، يەرنى، دېڭىزنى ۋە سۇ بۇلاقلىرىنى ياراتقۇچىغا سەجدە قىلىڭلار» دەيتتى.»2
GSAM 108.3مەسىھنىڭ قايتا كېلىشىنى جاكارلىغانلار ھاباققۇق پەيغەمبەر تىلغا ئالغان، «بەلگىلەنگەن» ۋاقتى بولغان بۇ «غايىبانە كۆرۈنۈش» دانىيالنىڭ ۋە ۋەھىي كىتابىنى يازغۇچىنىڭ بېشارەتلىرىدىكى غايىبانە كۆرۈنۈشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دەپ قارىدى. ئۇلار بۇلارنى ئۆز پەيغەمبەرلىك بېشارەتلىرى جەدۋەللىرىدە شۇنچىلىك ئېنىق تەسۋىرلىدىكى، ئۇنىڭ شەرھىنى ئوقۇغان كىشى ھەقىقەتەن «يۈگۈرۈپ»، بىلگەنلىرىنى باشقىلارغا يەتكۈزەلەيتتى.
GSAM 108ئېنىق بىر خەۋەر
GSAM 108.4ئادۋېنتىستلارنىڭ جاكارلىغىنى پەقەت پاۋلۇسنىڭ فېلىكسنىڭ ئالدىدا ئېيتقان «ھەققانىيلىق، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش ۋە كەلگۈسىدىكى ھۆكۈم» توغرىسىدىكى سۆزىلا ئەمەس ئىدى. ئۇ يەنە مارتىن لۇتېرنىڭ مۇقەددەس كىتابنى تەرجىمە قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆلۈمىگە ئاز قالغاندا ئېيتقان دەپ نەقىل قىلىنغان: «ھۆكۈم كۈنى يىراق ئەمەسلىكىگە ئىشىنىمەن؛ ھەئە، رەبنىڭ ئۆزى يەنە ئۈچ يۈز يىلدىن ئارتۇق كەلمەي تۇرمايدۇ» دېگەن سۆزىمۇ ئەمەس ئىدى. شۇنداقلا جون ۋېسلېينىڭ «مىڭ يىللىق دەۋر تەخمىنەن يۈز يىلدىن كېيىن باشلىنىشى مۇمكىن دەپ ئويلايمەن» دېگەن سۆزىمۇ ئەمەس ئىدى. ئادۋېنتىستلار ۋەھىي 14:6، 7-ئايەتلەردە سىمۋول بىلەن كۆرسىتىلگەن «ئۇنىڭ ھۆكۈم قىلىدىغان ۋاقتى كەلدى» دېگەن خەۋەرنى ۋە ۋەھىي 10:6-ئايەتتىكى «ئەمدى ۋاقىت بولمايدۇ» دېگەن نىدانى يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. بۇنداق بېشارەت «كەلگۈسىدە»، «ئۈچ يۈز يىلدىن كېيىن» ياكى «يۈز يىلدىن كېيىن» بولىدىغان بىر ۋەقەنى جاكارلاش بىلەن ئەمەلگە ئاشمايتتى؛ بەلكى ئېنىق ۋاقىتتا «كەلدى» دەپ جاكارلاش بىلەن ئەمەلگە ئاشاتتى. يۇقىرىقى بېشارەتلەر تەلەپ قىلغان شۇنداق ئېنىقلىقتىكى دەل شۇ خىل خەۋەرنى ئادۋېنتىستلار پۈتۈن دۇنياغا جاكارلىدى.
GSAM 109مەسىھ كەلگەندە بولىدىغان ھۆكۈم
GSAM 109.1بۇ خەۋەر تۇنجى قېتىم جاكارلانغان ۋاقىتتا، خىرىستىيان دىنىدىكى ھەربىر مەزھەپ ھۆكۈم مەسىھنىڭ ئىككىنچى قېتىم كېلىشىدە بولىدۇ، دەپ قارايتتى. شۇڭا، شۇ شارائىتتا بۇ قاراشنى تۇتقان، ھۆكۈم ۋاقتىنىڭ كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرنى يەتكۈزۈۋاتقان بىر خەلق جەزمەن مەسىھنىڭ ئىككىنچى قېتىم كېلىشىنى جاكارلايتتى. ئەمەلىيەتتە، خەۋەرگە كۈچ بېغىشلىغان ۋە كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ئەڭ قاتتىق تەۋرەتكەن نەرسە ئېنىق ۋاقىتنىڭ جاكارلىنىشى ئىدى. دەسلەپتە ئۇلار دۇنيانىڭ ئاخىرى 1843-«يەھۇدىي يىلى»نىڭ مەلۇم بىر ۋاقتىدا كېلىدۇ، بۇ يىل 1843-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 1844-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دېدى. بۇ ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، بېشارەتلەردە كۆرسىتىلگەن مۇددەتلەرنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن ئېنىق بىر كۈن بەلگىلەنگەنلىكىنى 1844-يىللىق «يېرىم كېچىدىكى نىدا»دىن بىلىمىز. بۇ يەھۇدىي تەقۋىمىنىڭ يەتتىنچى ئېيىنىڭ ئونىنچى كۈنى بولۇپ، 1844-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنىگە توغرا كېلەتتى.
GSAM 1092300 كۈننىڭ ھېسابلىنىشى
GSAM 109.21843-يىلنى بەلگىلەشنىڭ ئاساسى دانىيال 8-بابتىكى 2300 كۈن ئىدى. ئۇلار بۇ «كۈنلەر» پادىشاھلىقلار ھايۋانلار ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن بېشارەتلەرگە باغلىق بولغاچقا، چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 14:34 ۋە ھەزەكىيال 4:5، 6-ئايەتلەردە رەب سىمۋوللۇق ۋاقىتقا بەرگەن چۈشەندۈرۈشكە ئاساسەن، بۇ «كۈنلەر» يىللارنى بىلدۈرىدىغان سىمۋول بولۇشى كېرەك، دەپ قارىدى. يەنە دانىيال 9-بابتىكى يەتمىش ھەپتە، يەنى 490 كۈن، 2300 كۈننىڭ بىرىنچى قىسمى بولۇشى ۋە ھەر ئىككى مۇددەت تەڭ باشلانغان بولۇشى كېرەك، دېدى. دانىيال 9-بابتا يەتمىش ھەپتىنىڭ باشلىنىشىنى كۆرسىتىدىغان ۋەقە «يېرۇسالېمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قۇرۇش پەرمانىنىڭ چىقىرىلىشى» ئىدى. ئەزرا 7-بابتا خاتىرىلەنگىنىدەك، بۇ پەرمان ئارتاخشاستا لونگىمانۇسنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ يەتتىنچى يىلى، مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 457-يىلى چىقىرىلغان.
GSAM 110.1بۇنىڭ يەتمىش ھەپتىنىڭ باشلىنىشىغا توغرا كېلىدىغان ھەقىقىي ۋاقىت ئىكەنلىكى مۇنداق بىر پاكىت بىلەن ئىسپاتلاندى: مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 457-يىلدىن دەل ئاتمىش توققۇز ھەپتە، يەنى 483 يىل ئۆتكەندە، باشقىچە ئېيتقاندا، مىلادىيە 27-يىلى، مەسىھ يەھيا تەرىپىدىن چۆمۈلدۈرۈلۈپ، «ۋاقىت تولدى» ۋە ھاكازا دەپ، ئۆز خىزمىتىنى باشلىدى؛3 مەسىھنىڭ مىلادىيە 27-يىلى خىزمىتىنى باشلىشى، شۇ ۋاقىتتىن ئۈچ يېرىم يىل كېيىن، «[يەتمىشىنچى] ھەپتىنىڭ ئوتتۇرىسىدا [دەل ئوتتۇرىسىدا]» كرېستكە مىخلىنىشى، مىلادىيە 34-يىلى يەھۇدىيلار ئارىسىدىكى ئالاھىدە خىزمەتنىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئەلچىسى بولغان سائۇلنىڭ ئۇزاق ئۆتمەي ئىمان ئېيتىشى، يەتمىش ھەپتىنىڭ ھەقىقەتەن شۇ ۋاقىتتا ئاخىرلاشقانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 457-يىلى باشلانغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئۇلار بۇنى مۇنداق ھېسابلىدى: 2300 دىن 457 نى ئالغاندا، 1843 قالىدۇ. 457 يىل مەسىھتىن ئىلگىرى بولغاچقا، 2300 كۈننىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتى 1843-يىلنىڭ ئاخىرىغا توغرا كېلىدۇ.
GSAM 110قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ ئېتىراپلىرى
GSAM 110.2«ھەقىقەتكە قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ ئۆز سېپىدىن چىققان، ھەقىقەتنى قوللايدىغان ئېتىراپلار ئەڭ كۈچلۈك دەلىل بولىدۇ» دېگەن سۆز راست ئېيتىلغان. مەسىھنىڭ قايتا كېلىشى توغرىسىدىكى خەۋەرگە قارشى تۇرغۇچىلاردىن ھېچبىرى رەبنىڭ خەلقىنى تەكشۈرۈپ ھۆكۈم قىلىش مەسىھ كېلىشتىن ئىلگىرى يۈز بېرىدىغان بىر ۋەقە ئىكەنلىكىگە ئەسلا ئىشارە قىلمىغان؛ ئەكسىچە، بۇ نۇقتىدا ئۇلارنىڭ مۇھاكىمىسى ئادۋېنتىستلارنىڭكى بىلەن بىردەك ئىدى. بۇ سۆزىمىزنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە، قارشى تۇرغۇچىلاردىن ئىككى مەشھۇر كىشىنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرىمىز.
GSAM 110.3ن. كولۋېر ئەپەندى 1842-يىلى بوستوندىكى مارلبورو كوچىسى ئىبادەتخانىسىدا ئادۋېنتىستلارغا قارشى ۋەز ئېيتىپ، مۇنداق دېدى:—
GSAM 111.1«ئەگەر بۇ كۈنلەر يىللارنى بىلدۈرسە، دۇنيانىڭ ئاخىرى 1843-يىلى كېلىدۇ؛ بۇنى مەكتەپتىكى ھەرقانداق بالا كۆرۈپ يېتەلەيدۇ. چۈنكى 490 مەسىھنىڭ ئۆلۈمىدە ئاخىرلاشقان بولسا، 2300 كۈن 1843-يىلى ئاخىرلىشىدۇ. باشقا بىر ۋەقە يۈز بېرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرەلمىسەك، دۇنيانىڭ ئاخىرى كېلىشى كېرەك؛ ئەمما بۇنى قانداق كۆرسىتىپ بەرگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن.»
GSAM 111.2پروفېسسور ستيۇئارتمۇ شۇ چاغلاردا مۇنداق دېگەن:
GSAM 111.2«قىزىق بىر پاكىت شۇكى، ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا دۇنياسىدىكى شەرھلىگۈچىلەرنىڭ زور كۆپچىلىكى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى دانىيال ۋە ۋەھىي كىتابلىرىدا كۆرسىتىلگەن كۈنلەرنى يىللارنىڭ ئىپادىسى ياكى سىمۋولى دەپ چۈشىنىشكە ئادەتلەنگەن. بۇ ئومۇملاشقان، ھەتتا ئاساسەن ھەممە يەردە بار دېيىشكە بولىدىغان ئادەتنىڭ كېلىپ چىقىشىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئېنىقلاش ماڭا قىيىن بولدى.»
GSAM 111پروفېسسور بۇشنىڭ گۇۋاھلىقى
GSAM 111.3پروفېسسور بۇش مۇنداق دېدى: «كىم مىللېر ئەپەندىگە ئۇ بەلگىلىگەن ۋاقىت مەسىلىسىدە ھۇجۇم قىلسا، ئۇنىڭ ئەڭ كۈچلۈك نۇقتىسىغا ھۇجۇم قىلغان بولىدۇ. ئۇنىڭ ۋاقتى توغرا؛ ئەمما ئۇ يۈز بېرىدىغان ۋەقە توغرىسىدا خاتالاشقان.» بۇش مەسىھ كېلىشتىن ئىلگىرى پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىمان ئېيتىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، مىڭ يىللىق دەۋر 1844-يىلى باشلىناتتى.
GSAM 111.4مەسىھنىڭ قايتا كېلىشىگە ئېتىقاد قىلىدىغان دىنىي خىزمەتكارلار ئاممىۋى ۋەزلىرىدە مۇنداق تەلىم بېرەتتى: دۇنيا تارىخى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئەھۋالى دەل دانىيال 2-بابتىكى ھەيكەل سىمۋول قىلغان ھالەتكە يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ؛ شۇ چاغدا تاش ھەيكەلنىڭ پۇتلىرىغا ئۇرۇلىدۇ ۋە ئاسماندىكى خۇدا ئۆز پادىشاھلىقىنى قۇرىدۇ. يەنە بۇ دانىيال 7-بابتا «پادىشاھلىق، ھۆكۈمرانلىق ۋە پۈتۈن ئاسمان ئاستىدىكى پادىشاھلىقنىڭ ئۇلۇغلۇقى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ مۇقەددەسلىرىگە بېرىلىدۇ» دېيىلگەن ۋاقىت ئىدى. ئۇلار يەنە تەبىئىي دۇنيادىكى، سىياسىي ۋە ئەخلاقىي ئىشلاردا كۆرۈلۈۋاتقان ئالامەتلەرنىڭ رەب زۇھۇر قىلىش ئالدىدا كۆرۈلىدۇ دەپ مۇقەددەس يازمىلار ئالدىن ئېيتقان ئالامەتلەرنىڭ دەل ئۆزى ئىكەنلىكىگە دىققەتنى تارتاتتى.
GSAM 111ئاسماندىكى مۆجىزىلەر
GSAM 111.5رەب يوئېل پەيغەمبەر ئارقىلىق مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئاسماندا ۋە يەر يۈزىدە مۆجىزىلەرنى، قان، ئوت ۋە تۈتۈن تۈۋرۈكلىرىنى كۆرسىتىمەن. رەبنىڭ ئۇلۇغ ۋە قورقۇنچلۇق كۈنى كېلىشتىن ئىلگىرى، قۇياش قاراڭغۇلۇققا، ئاي قانغا ئايلىنىدۇ.»4 ئادۋېنتىستلار يېقىنقى ئەسىرلەردە كۆرۈلگەن شىمالىي قۇتۇپ نۇرىنى (ئادەتتە شىمال نۇرى دەپ ئاتىلىدۇ) پەيغەمبەر تەسۋىرلىگەن «ئوت ۋە تۈتۈن تۈۋرۈكلىرى» دەپ ئىشىنەتتى ۋە شۇنداق تەلىم بېرەتتى. تارىختىن ئېرىشكىلى بولىدىغان ئەڭ ئىشەنچلىك ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا (دەلىل سۈپىتىدە «ئېدىنبۇرگ قامۇسى»نى كۆرسىتىمىز)، بۇ نۇر ئاشۇ دەۋردىن ئىلگىرى ناھايىتى ئاز كۆرۈلگەن ئىدى.
GSAM 112.1شۇنداق قىلىپ، رەبنىڭ پات ئارىدا كېلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر يەر يۈزىنىڭ ئەڭ چەت جايلىرىغا تارقىلىۋاتقاندا، ئاسماندا ھەقىقەتنىڭ تەسىرىنى كۈچەيتىدىغان ۋە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ئالامەتلەر نامايان بولدى.
GSAM 112.21837-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى ئوتتەك يالقۇنلاپ تۇرغان شىمالىي قۇتۇپ نۇرى ئىنتايىن ھەيۋەتلىك ھالدا كۆرۈندى. بۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئويىنى بىۋاسىتە يوئېل پەيغەمبەرنىڭ رەبنىڭ ئۇلۇغ كۈنىدىن ئىلگىرى يۈز بېرىدىغان ئىشلار توغرىسىدىكى بېشارىتىگە يۈزلەندۈرگەندەك بولدى. تۆۋەندىكى مەنزىرە تەسۋىرى «نيۇيورك سودا خەۋەرچىسى»نىڭ 1839-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى سانىدىن ئېلىندى. ئۇ ئاپتور نيۇيورك ئىشتاتىنىڭ ئونتارىيو ناھىيەسىدىكى ۋىكتوردا ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن مەنزىرىگە پۈتۈنلەي ئۇيغۇن كېلىدۇ.
GSAM 1121837-يىلدىكى ئوتتەك شىمالىي قۇتۇپ نۇرى
GSAM 112.3«ئوقۇرمەنلىرىمىز شۈبھىسىز ئەسلەيدىغىنىدەك، 1837-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى كەچتە مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مۇشۇ ھادىسىلەر [شىمالىي قۇتۇپ نۇرىنى دېمەكچى] ئالاھىدە كۆرۈنەرلىك ھالدا نامايان بولدى. يەر يۈزىنى قار قاپلىغان جايلاردا بۇ مەنزىرە ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ھەيۋەتلىك ۋە «قورقۇنچلۇق» ئىدى. تاغقا يېقىن بىر جايدا بۇ مەنزىرىنى كۆرگەن كىشىلەر بىزگە ئۇنىڭ «تاغدىن دومىلاپ چۈشۈۋاتقان ئوت دولقۇنلىرى»غا ئوخشايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئومۇمەن، بىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، يەر يۈزىنى قاپلىغان قار قان ئارىلاش ئوتتەك كۆرۈنەتتى؛ ئۈستىدىكى ئاسمان بولسا، ئەلچى ئېيتقاندەك، «ئوتتا كۆيۈۋاتاتتى». بۇ ئاخىرقى كۈن توغرىسىدىكى پەيغەمبەرلىك تەسۋىرىگە شۇنچىلىك ئوخشايتتىكى، نۇرغۇن كىشىلەر ھەيران قالدى؛ كۆرۈپ تۇرغان بالىلار قورقۇپ كېتىپ، ھۆكۈم كۈنى كەلدىمۇ، دەپ سوراشتى؛ ھەتتا ھايۋانلارمۇ روشەن قورقۇنچ ئىچىدە تىترەيتتى.»
GSAM 113.1يوئېل پەيغەمبەرنىڭ بۇ ئالامىتى پەقەت ئامېرىكىدىلا كۆرۈنمىدى. رەبنىڭ كېلىشى توغرىسىدىكى تەلىم بۈيۈك بىرىتانىيەدە تارقىلىۋاتقاندا، شۇ مەملىكەتنىڭ ئاسمىنىدىمۇ ئوخشاش ئالامەت نامايان بولدى. «نيۇيورك سودا خەۋەرچىسى»نىڭ 1839-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى سانىدا، شۇ مەملىكەتتە 9-ئاينىڭ 3-كۈنى كېچىدە كۆرۈلگەن بىر ئاجايىپ ھادىسە ھەققىدە لوندون گېزىتلىرىدىن تۆۋەندىكى بايان نەقىل قىلىنغان:—
GSAM 1131839-يىلدىكى شىمالىي قۇتۇپ نۇرى
GSAM 113.2«لوندون، [1839-يىلى] 9-ئاينىڭ 5-كۈنى.—پەيشەنبە كۈنى كەچ سائەت ئوندىن تۈنۈگۈن ئەتىگەن سائەت ئۈچكىچە بولغان ئارىلىقتا، ئاسماندا ئاقار يۇلتۇزلار ۋە شىمال نۇرىدىن ئىبارەت بۇ پەۋقۇلئاددە ھادىسىلەرنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان كۆرۈلگەن ئەڭ ھەيۋەتلىك مەنزىرىلىرىدىن بىرى كۆرۈلدى. بۇ ئاجايىپ ھادىسىنىڭ دەسلەپكى بەلگىسى سائەت ئونغا ئون مىنۇت قالغاندا پەيدا بولدى؛ ئاسمان گۈمبىزىنىڭ شىمال تەرىپىدىن ھوردەك كۆرۈنىدىغان سۇس قىزىل بىر نەرسە كۆتۈرۈلۈپ، بارا-بارا ئاسماننىڭ ئوتتۇرىسىغا يېيىلدى. سائەت ئوندا ياكى ئوندىن ئون بەش مىنۇت ئۆتكەندە، شەرقتىن غەربكىچە بولغان پۈتۈن ئاسمان بىر پارچە كەڭ نۇر پەردىسىگە ئايلاندى. ئۇ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق كۆرۈنەتتى ۋە دەھشەتلىك بىر ئوت ئاپىتى پەيدا قىلغان نۇرغا پۈتۈنلەي ئوخشايتتى. نۇر خېلى ئۆزگىرىپ تۇراتتى؛ بىر چاغدا تۆۋەنلىگەندەك كۆرۈنۈپ، ئارقىدىنلا ناھايىتى پارقىراق ھالدا كۆتۈرۈلەتتى. نۇرغا ئارىلاشقان، ئارقا-ئارقىدىن دومىلاپ ئۆتۈۋاتقان توپ-توپ تۈتۈنلەر كۆرۈنەتتى. كۆرگەن ھەربىر كىشى بۇنىڭ «غايەت زور بىر ئوت ئاپىتى» ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەندەك قىلاتتى.
GSAM 113.3«پايتەختتە قاتتىق ۋەھىمە قوزغالدى؛ مىڭلىغان كىشىلەر شۇ دەھشەتلىك ئاپەت بولۇۋاتىدۇ دەپ ئويلانغان تەرەپكە يۈگۈرۈشەتتى. بېيكېر كوچىسى، فارىڭدون كوچىسى، ۋاتلىڭ كوچىسى ۋە ۋاتېرلۇ يولىدىكى ئوت ئۆچۈرۈش پونكىتلىرىغا قاراشلىق پومپا ھارۋىلىرىغا، شۇنداقلا لوندوننىڭ غەربىدىكى پونكىتلارنىڭ ھارۋىلىرىغا، دەرۋەقە لوندوندىكى ھەربىر ئوت ئۆچۈرۈش ھارۋىسىغا ئات قېتىلىپ، ئادەتتىكىدىن تېخىمۇ زور غەيرەت بىلەن گۇمان قىلىنغان «ۋەيرانچىلىق يۈز بەرگەن جاي»غا قاراپ چاپتۇرۇلدى. ئارقىسىدىن ھارۋىلار، ئاتلىقلار ۋە غايەت زور كىشىلەر توپى ئەگىشىپ ماڭدى. بەزى ئوت ئۆچۈرۈش ھارۋىلىرى خاتالىق بايقالغۇچە ھايگېيت ۋە ھاللوۋايغىچە [تەخمىنەن تۆت مىل] بېرىپ قالدى. بۇ كۆرۈنۈشلەر ئىككى سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشتى؛ تاڭغا يېقىن مەنزىرە تېخىمۇ ھەيۋەتلىك بولدى.
GSAM 114.1«ئەتىگەن سائەت ئىككىدە بۇ ھادىسە تەسۋىرلەش ناھايىتى تەس بولغان، پەۋقۇلئاددە گۈزەل بىر مەنزىرىنى نامايان قىلدى. پۈتۈن لوندون چۈش چاغدىكىدەك يورۇدى، ھاۋا ئىنتايىن سۈزۈك ئىدى. شۇ چاغدا ئاسماننىڭ جەنۇبىي يېرىمى بۇلۇتسىز بولسىمۇ، ناھايىتى قاراڭغۇ ئىدى؛ ئەمما ساناقسىز يۇلتۇزلار چىرايلىق چاقناپ تۇراتتى. ئاسماننىڭ قارشى تەرىپى ئۆزگىچە، لېكىن ھەيۋەتلىك بىر پەرقنى نامايان قىلاتتى؛ ئۇ ئىنتايىن سۈزۈك، نۇرىمۇ ئىنتايىن كۈچلۈك ئىدى. پارقىراقلىقى ھەر خىل بولغان ئاقار يۇلتۇزلار ئۈزۈلمەي ئارقا-ئارقىدىن كۆرۈنەتتى؛ ئۇلار ئاسماننىڭ ئوتتۇرىسىدا شەكىللىنىپ، يېيىلىپ، ئاخىرى يېرىلىپ كەتكەندەك كۆرۈنەتتى. بۇنىڭ تەسىرى چاقماقتەك كۈچلۈك ئىدى. ساناقسىز كىچىك يۇلتۇزلار ئۇپۇق ئۈستىگە ئېتىلىپ چىقىپ، يەرگە قاراپ شۇنداق تېز ئۇچاتتىكى، كۆز ئۇلارنىڭ ئىزىغا ئاران يېتىشەلەيتتى. ئۇلارمۇ يېرىلىپ، پۈتۈن ئاسمان گۈمبىزىگە قېنىق قىزىل ھور چاچقاندەك كۆرۈنەتتى. رەڭلەر ئىنتايىن ھەيۋەتلىك ئىدى.
GSAM 114.2«سائەت ئىككى يېرىمدا مەنزىرىنى قاراڭغۇلۇق باستى. قاراڭغۇلۇق تارقىغاندا، ئاسماننىڭ تۆپە نۇقتىسىدا ۋە مەملىكەتنىڭ جەنۇبىي قىسمى ئۈستىگە ئېسىلىپ تۇرغان قاراڭغۇلۇقنىڭ قىرىنى بويلاپ نۇرلۇق بىر ھەسەن-ھۈسەن كۆرۈندى. ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنىڭدىن كۈمۈش رەڭلىك نۇر تۈۋرۈكلىرى تارقالدى. ئۇلار ھەيران قالارلىق دەرىجىدە كۆپەيدى ۋە شۇ چاغدا پەيدا بولغان قىزىل ھورغا ئارىلىشىپ كەتتى. تۈۋرۈكلەر تولۇق ئېگىزلىككە يەتكەندە، بۇ مەنزىرە ھەرقانداق تەسەۋۋۇردىن ئېشىپ كەتتى. يۇلتۇزلار ھەرتەرەپكە ئېتىلىپ يۈرەتتى؛ بۇ ھال سائەت تۆتكىچە داۋاملىشىپ، شۇ چاغدا ھەممىسى يوقالدى.»
GSAM 114قۇياشتا كۆرۈلگەن غەلىتە مەنزىرىلەر
GSAM 114.3تىرىك ۋەزچىلەر رەبنىڭ كېلىشى توغرىسىدىكى ھەقىقەتنى بايان قىلىۋاتقاندا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئاسماندا نۇرغۇن ۋە ھەر خىل ئاجايىپ كۆرۈنۈشلەر كۆرۈلدى. كىتابىمىزنىڭ ھەجمى بۇلارنىڭ ئىچىدىن پەقەت 1843-يىلى 12-ئايدا ئەنگلىيەنىڭ نورۋىچ شەھىرىدە قۇياشتا كۆرۈلگەن مەنزىرىنىلا تەسۋىرلەشكە يول قويىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش بىر ھادىسە 1844-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى كوننېكتىكۇت ئىشتاتىنىڭ نيۇ ھېيۋېن شەھىرىدە چۈشتىن ئىلگىرى ۋە كېيىن ئىككى سائەت بويى كۆرۈلدى؛ ئۇنى مىڭلىغان كىشىلەر ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى.
GSAM 115قۇياشنىڭ غەلىتە كۆرۈنۈشى
GSAM 115.1ئىچكى كىچىك چەمبەر قۇياشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ سۇس قىزغۇچ سېرىق ئىدى. قۇياشتىن تەڭ بولمىغان ئارىلىقتا تۇرۇپ، ئۇنى چۆرىدىگەن ئىككى چەمبەرنىڭ سىرتقى قىسمىمۇ شۇ رەڭدە كۆرۈنەتتى؛ ئەمما بۇ چەمبەرلەرنىڭ ئىچكى قىسمى قېنىق سېرىق، چەمبەرلەر ئىچىدىكى ئاسمان تۇتۇق قوڭۇر رەڭدە كۆرۈنەتتى. قۇياشتىن كېسىپ ئۆتۈپ، ئۇنىڭ ئاستىغا سوزۇلغان ئۈچ چوڭ چەمبەر بولسا روشەن يورۇق نۇردەك كۆرۈنەتتى.
GSAM 115.2ئەنگلىيەدە يۈز بەرگەن بۇ ھادىسە توغرىسىدا ئې. لويدنىڭ لوندوندىن 1844-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى يازغان خېتىدە مۇنداق ئوقۇيمىز:—
GSAM 115.3«نورۋىچ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارنىڭ نوپۇزلۇق ئاھالىلىرى ئەنگلىيەدە ئىلگىرى ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان، ئاجايىپ بىر «قۇياشتىكى ئالامەت»نى كۆردى. ئۇ ئۆتكەن 12-ئايدا، چۈش سائەت 12 ئەتراپىدا كۆرۈنۈپ، ئىككى سائەت داۋاملاشتى. بۇ ئاھالىلەرنى ئىنتايىن قورقۇتتى. بۇ ھادىسە بۇرادەرلەر ۋىنتېر، بېرجېس ۋە راۋتوننىڭ شۇ شەھەردە خۇش خەۋەر تارقىتىش خىزمىتىنى باشلىشىدىن سەل ئىلگىرى يۈز بەردى. ئۇ ھەقىقەتكە يول تەييارلىغاندەك بولدى، شۇڭا ئۇلار ئۇ يەردە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى.»
GSAM 116.1كوننېكتىكۇت ئىشتاتىنىڭ نيۇ ھېيۋېن شەھىرىدە يۈز بەرگەن بۇ ھادىسە ھەققىدىكى بايان «يېرىم كېچىدىكى نىدا»نىڭ 1844-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى سانىدا بېرىلگەن بولۇپ، «نيۇ ھېيۋېن قوغدىغۇچىسى»نىڭ 1844-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى سانىدىن ئېلىنغان. «نىدا»دىكى باياندا مۇھەررىر مۇنداق دەيدۇ: «ھېچبىر پەيلاسوپ بۇ ھادىسىنىڭ سەۋەبىنى ئۆزىمۇ قانائەتلىنەرلىك دەپ قارايدىغان دەرىجىدە چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىدى.»
GSAM 116.21844-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى كوننېكتىكۇت ئىشتاتىنىڭ نيۇ ھېيۋېن شەھىرىدە قۇياش بىلەن باغلىق ھالدا كۆرۈلگەن بۇ مەنزىرە توغرىسىدىكى بىر بايان «خارتفورد خەۋەرنامىسى»نىڭ 1844-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى سانىدىمۇ ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مۇنداق يېزىلغان:—
GSAM 116.3«1844-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى، دۈشەنبە، چۈشتىن ئىلگىرى ۋە كېيىن ئىككى سائەت بويى قۇياش ئەتراپىدا كۆرۈلگەن ھالقىلارنى شەھىرىمىز ئاھالىلىرىنىڭ كۆپچىلىكى زور قىزىقىش بىلەن كۈزەتكەندەك قىلىدۇ. بۇ ھالقىلار كىشىلەردە مۇشۇ خىل كۆرۈنۈشلەر ۋە ئۇلارنىڭ سەۋەبى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ بىلىپ، چۈشىنىپ يېتىشكە بولغان قىزىقىشنى ئويغاتتى.
GSAM 116.4«بۇ قېتىمقى نۇر ھالقىسى ئۇزۇن داۋاملاشقانلىقى بىلەن ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ، كۈزىتىشكە ياخشى پۇرسەت ياراتتى. چۈش ئەتراپىدا ئۇ ئاساسەن ئىككى تولۇق ھالقىدىن تەركىب تاپقان ئىدى؛ بىرىنىڭ كەڭلىكى تەخمىنەن قىرىق بەش گرادۇس بولۇپ، مەركىزىدىكى قۇياشنى چۆرىدەپ تۇراتتى؛ يەنە بىرىنىڭ كەڭلىكى تەخمىنەن يەتمىش ئىككى گرادۇس بولۇپ، مەركىزى ئاسماننىڭ تۆپە نۇقتىسىدا ئىدى، چەمبەر سىزىقى بولسا قۇياشتىن ئۆتەتتى. كىچىك چەمبەرگە چوڭ ئوقلۇق، مەركەزدىن چەتنىشى ئاز بولغان بىر ئېللىپس ھەمراھ ئىدى. قۇياشنىڭ دەل قارشىسىدا، ئاسماننىڭ تۆپە نۇقتىسىدىن شىمالغا ئوتتۇز ئالتە گرادۇس كېلىدىغان جايدا، چوڭ چەمبەرنى دىئامېتىرى ئۇنىڭكىگە تەخمىنەن ياكى پۈتۈنلەي تەڭ بولغان باشقا ئىككى چەمبەر كېسىپ ئۆتەتتى. كېسىشىش نۇقتىسىدا، ئۈچ نۇرلۇق ھالقىنىڭ نۇرى قوشۇلغاندا تەبىئىي پەيدا بولىدىغان بىر يورۇق داغ شەكىللەنگەن ئىدى. قۇياشنى چۆرىدىگەن ھالقىدا ھەسەن-ھۈسەننىڭ رەڭلىرى كۆرۈنەتتى؛ ئۇلار كۆپىنچە ناھايىتى جانلىق ۋە چىرايلىق ئىدى. باشقا ھالقىلار ئاق بولۇپ، قۇياشتىن يىراقلاشقانسېرى تېخىمۇ خىرە كۆرۈنەتتى. شۇنداقتىمۇ، ھەر خىل ۋاقىتلاردا شەرقتىمۇ، غەربتىمۇ پرىزما [ھەسەن-ھۈسەن] رەڭلىرىدىكى كىچىك چەمبەر پارچىلىرى پەيدا بولدى.... قۇرۇلمىدىكى بۇنداق بىردەكلىك نۇر ھالقىلىرىنىڭ شەكىللىنىشىنى باشقۇرىدىغان مەلۇم بىر قانۇنىيەتكە باغلىق بولۇشى كېرەك؛ ئەمما بۇ قانۇنىيەتنىڭ ماھىيىتى تولۇق ئايدىڭلاشمىغان.... قۇياشنى چۆرىدىگەن ھالقىنىڭ قانداق پەيدا بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشتە ئانچە كۆپ قىيىنچىلىق بولمىدى، چۈنكى ئۇنىڭ سەۋەبى ھەسەن-ھۈسەننى پەيدا قىلىدىغان سەۋەبكە مەلۇم دەرىجىدە ئوخشايدۇ. ئەمما چەمبەر سىزىقى قۇياشنىڭ مەركىزىدىن ئۆتىدىغان ھالقىنىڭ پەيدا بولۇشىنى چۈشەندۈرۈش تېخىمۇ قىيىن بولدى.»
GSAM 117مۇقەددەس يازمىلاردىكى بېشارەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ئاجايىپ ئالامەتلەر
GSAM 117.1ئاسماندا كۆرۈنگەن بۇ ئاجايىپ ئالامەتلەردىن ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكىدا قانداق پايدىلانغانلىقىنى سىلۋېستېر بلىس يازغان، 1843-يىلى بوستوندا نەشر قىلىنغان «مەتتانىڭ 24-بابىنىڭ شەرھى»نى ئوقۇپ بىلەلەيمىز. ئۇ يۇقىرىدىكى بەزى بايانلارنى نەقىل كەلتۈرگەندىن كېيىن مۇنداق دەيدۇ: —
GSAM 117.2«شۇنداق قىلىپ، ھەقىقەت بولغان مۇقەددەس يازمىلاردا ئالدىن ئېيتىلغان ‹چوڭ ئالامەتلەر› ۋە ‹قورقۇنچلۇق مەنزىرىلەر›نىڭ ھەممىسى، شۇنداقلا قۇتقۇزغۇچى ئۆزىنىڭ كېلىشىدىن بۇرۇن يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئالامەتلەرمۇ ئەمەلگە ئاشقاندەك كۆرۈنىدۇ.
GSAM 117.3«دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماق چىقىرىشى يازنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىگە قانچىلىك ئېنىق بەلگە بولسا، بۇ ئالامەتلەر ئەمەلگە ئاشقاندا خىرىستىيانلارمۇ مەسىھنىڭ كېلىشىنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى، ھەتتا ئىشىك ئالدىغا كەلگەنلىكىنى شۇنچىلىك ئېنىق بىلىشى كېرەك. بۇنى بىلىشكە پەقەت رۇخسەت بېرىلگەنلا ئەمەس، بەلكى قۇتقۇزغۇچىمىز ئۇلارغا بۇنى بىلىشنى بۇيرۇغان.»5
GSAM 117خەۋەر يەتكۈزگۈچىلەر
GSAM 117.4مەسىھنىڭ ئىككىنچى قېتىم كېلىشى توغرىسىدىكى خەۋەرنىڭ دەسلەپ جاكارلانغان شەكلىدىكى بەزى ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرىگە دىققەت قىلدۇردۇق. ئەمدى بۇ ئۇلۇغ جاكارلاشتا كۆزگە كۆرۈنەرلىك رول ئوينىغان بىرنەچچە كىشىنى تونۇش قىزىقارلىق بولۇشى مۇمكىن. بىز چەت ئەللەردە بۇ نىدانى ياڭراتقان، ئۆز دەۋرىنىڭ ئەڭ قابىلىيەتلىك دىنىي خىزمەتكارلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان نۇرغۇن كىشىنىڭ ئىسىملىرىنى ئاللىقاچان تىلغا ئالدۇق. رەب خىزمەتنىڭ يۈكىنى زىممىسىگە يۈكلىگەن، ئامېرىكىدا باشلامچىلىق قىلغان بەزى كىشىلەرگە دىققەت قىلىشىمىز، رەبنىڭ قولىنىڭ بۇ ھەرىكەتتە ھەقىقەتەن بار ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ روشەن كۆرسىتىدۇ.
GSAM 118ۋىليام مىللېر
GSAM 118.1ئالدى بىلەن ۋىليام مىللېرنىڭ ھاياتىغا نەزەر سالايلى. ئۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى مەسىھنىڭ قايتا كېلىشى ھەرىكىتىدە شۇ قەدەر كۆزگە كۆرۈنگەنكى، نۇرغۇن كىشى بۇ ھەرىكەتنى پەقەت «مىللېرچىلىك» دەپلا بىلىدۇ.
GSAM 118.2ۋىليام مىللېر 1782-يىلى 2-ئايدا ماسساچۇسېتس شىتاتىنىڭ پىتسفىلد شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىك ۋاقتىدىلا ئادەتتىن تاشقىرى ئەقلىي كۈچ ۋە زېرەكلىك ئالامەتلىرىنى نامايان قىلغان. بىرنەچچە يىل ئۆتۈپلا، ئۇنىڭ بىلەن ئارىلىشىدىغانلارنىڭ ھەممىسى بۇ ئالاھىدىلىكلەرنى بارغانسېرى روشەن ھېس قىلغان. ئۇنىڭ تېنى كۈچلۈك، ئەقلى ئۆتكۈر ۋە تەبىئىي يېتىلگەن، ئەخلاقى ئەيىبسىز ئىدى. ئۇ رايون مەكتىپىدە چەكلىك تەلىم ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بولۇپ، ئارىدىن بىرنەچچە يىللا ئۆتكەندە، ئۇنىڭ بىلىمىنىڭ ئادەتتە ئىشقا ئېلىنىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭكىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى كۆپچىلىك ئېتىراپ قىلغان.
GSAM 118.3مىللېر ئەپەندى 1802-يىلى توي قىلىپ، ۋېرمونت شىتاتىنىڭ پاۋلتنى شەھىرىگە ئورۇنلاشقان. ئۇ پاۋلتنىغا كۆچۈپ كەلگەندىن تارتىپ ئارىلىشىپ يۈرگەن، دۇنيالىق ئىشلىرىدا ئۇنىڭغا كۆپ ياردەم قىلغان كىشىلەر گۇمانخورلۇق قاراشلىرى ۋە دېئىزم نەزەرىيەلىرىنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغانىدى. ئۇلار ئەخلاقسىز كىشىلەر ئەمەس، بەلكى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى پۇقرالار بولۇپ، كۆپىنچىسى ئېغىر-بېسىق، ئادەمپەرۋەر ۋە خەيرخاھ ئىدى. لېكىن ئۇلار مۇقەددەس كىتابنى دىنىي ھەقىقەتنىڭ ئۆلچىمى دەپ قوبۇل قىلمايتتى؛ ۋولتېر، ھىيۇم، ۋولنېي، پېين، ئېتان ئاللېن ۋە باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنى رەت قىلىشنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشكە تىرىشاتتى. مىللېر ئەپەندى بۇ ئەسەرلەرنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئاخىرى ئۆزىنىڭ دېئىست ئىكەنلىكىنى ئاشكارا ئېيتقان. ئۇنىڭ ئۆزى ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ دېئىست بولۇپ ياشىغان مەزگىلى تەخمىنەن 1804-يىلى باشلىنىپ، 12 يىل داۋاملاشقان.
GSAM 118.4ئۇ كاپىتانلىققا تەيىنلىنىپ، 1810-يىلى قوشۇنغا كىرگەن. قوشۇندىن قايتقاندىن كېيىن، 1812-يىلى دېھقانچىلىق قىلىش ئۈچۈن ئائىلىسىنى نيۇيورك شىتاتىنىڭ لوۋ ھامپتون دېگەن يېرىگە كۆچۈرگەن. دېھقانچىلىق قىلغاچ، كىتاب ئوقۇشقا تېخىمۇ كۆپ بوش ۋاقتى بولغان. ئۇ ئۆزىنىڭ دېئىزم قاراشلىرىنىڭ بۇ ھاياتتىن كېيىنكى بەخت توغرىسىدا ھېچقانداق ئىشەنچ بېرەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلغان. قەبرىدىن كېيىنكى ھەممە نەرسە قاراڭغۇ ۋە غەمكىن ئىدى. ئۇنىڭ ئۆز سۆزى بىلەن ئېيتقاندا:
GSAM 118.4«پۈتۈنلەي يوق بولۇپ كېتىش دېگەن ئوي سوغۇق ھەم يۈرەكنى مۇزلىتىدىغان ئوي ئىدى؛ ھېساب بېرىش بولسا ھەممەيلەن ئۈچۈن مۇقەررەر ھالاكەت ئىدى. بېشىمنىڭ ئۈستىدىكى ئاسمان مىستەك، پۇتۇمنىڭ ئاستىدىكى يەر تۆمۈردەك ئىدى. ئەبەدىيلىك! — ئۇ نېمە ئىدى؟ ئۆلۈمچۇ! — ئۇ نېمىشقا بار ئىدى؟ قانچە كۆپ پىكىر يۈرگۈزسەم، ئىسپاتقا شۇنچە يىراقلاپ كېتەتتىم. قانچە كۆپ ئويلانسام، خۇلاسىلىرىم شۇنچە تارقاقلىشىپ كېتەتتى. ئويلاشنى توختىتىشقا تىرىشتىم، لېكىن ئويلىرىمنى باشقۇرالمىدىم. مەن راستىنلا بىچارە ھالغا چۈشۈپ قالغانىدىم، لېكىن سەۋەبىنى چۈشەنمەيتتىم.... ئۇزاق ئۆتمەي، قۇتقۇزغۇچىنىڭ خىسلىتى تۇيۇقسىز كاللامدا ناھايىتى روشەن گەۋدىلەندى. بىزنىڭ ئىتائەتسىزلىكلىرىمىز ئۈچۈن ئۆزى كاپارەت بېرىپ، شۇ ئارقىلىق بىزنى گۇناھنىڭ جازاسىدىن قۇتقۇزىدىغان، شۇنچىلىك ياخشى ۋە رەھىمدىل بىر زات بولۇشى مۇمكىندەك تۇيۇلدى. بۇنداق بىر زاتنىڭ نەقەدەر سۆيۈملۈك بولىدىغانلىقىنى دەرھال ھېس قىلدىم؛ ئۆزۈمنى ئۇنىڭ قۇچىقىغا تاشلاپ، ئۇنىڭ رەھمىتىگە تايانالايدىغاندەك ھېس قىلدىم.»
GSAM 119ۋىليام مىللېرنىڭ ئېتىقادقا كېلىشى
GSAM 119.1ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن:
GSAM 119.1«مۇقەددەس كىتابنىڭ دەل مەن موھتاج بولغان شۇنداق بىر قۇتقۇزغۇچىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى كۆردۈم؛ ئىلاھىي ئىلھام بىلەن يېزىلمىغان بىر كىتابنىڭ گۇناھقا پاتقان دۇنيانىڭ ئېھتىياجلىرىغا شۇنچىلىك مۇكەممەل ماس كېلىدىغان پرىنسىپلارنى قانداق ئوتتۇرىغا قويالايدىغانلىقى مېنى ھەيران قالدۇردى. مۇقەددەس يازمىلارنىڭ خۇدادىن كەلگەن ۋەھىي ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمىدىم. ئۇلار مېنىڭ خۇشاللىقىمغا ئايلاندى؛ ئەيسادىن بىر دوست تاپتىم.... ئەمدى مۇقەددەس كىتاب مېنىڭ ئاساسلىق ئۆگىنىدىغان كىتابىم بولدى، ئۇنى زور خۇشاللىق بىلەن تەتقىق قىلغانلىقىمنى راستچىللىق بىلەن ئېيتالايمەن. ماڭا ئېيتىلغانلىرىنىڭ ئۇنىڭ يېرىمىچىلىكمۇ يوقلۇقىنى بايقىدىم. نېمىشقا بۇرۇن ئۇنىڭ گۈزەللىكى ۋە شان-شەرىپىنى كۆرمىگەنلىكىمگە ھەيران قالدىم، ئۇنى ئىلگىرى قانداقمۇ رەت قىلالىغانلىقىمدىن ھەيران بولدۇم.»
GSAM 119.2ۋىليام مىللېر ئۆزىنىڭ مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:
GSAM 119.2«مەن بارلىق ئالدىن شەكىللەنگەن قاراشلىرىمنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، مۇقەددەس يازمىلارنى بىر-بىرى بىلەن تولۇق سېلىشتۇرۇشقا، ئۇنى تەرتىپلىك ۋە ئىزچىل ئۇسۇلدا ئۆگىنىشكە بەل باغلىدىم.... چۈشىنىكسىز بىرەر نەرسىگە يولۇقسام، ئۇنى بارلىق مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر بىلەن سېلىشتۇراتتىم؛ كرۇدېننىڭ ياردىمى بىلەن، چۈشىنىكسىز بىر بۆلەكتىكى ئاساسلىق سۆزلەرنىڭ ھەرقاندىقى ئۇچرايدىغان بارلىق ئايەتلەرنى تەكشۈرەتتىم.... مۇقەددەس كىتابنى تۇنجى قېتىم تولۇق ئوقۇغاندا، مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن تەخمىنەن 2 يىل ئۆگەندىم ۋە ئۇنىڭ ئۆزىگە ئۆزى شەرھ بېرىدىغانلىقىغا تولۇق قايىل بولدۇم.
GSAM 120.1«مۇشۇنداق ئۆگىنىش جەريانىدا مەن شۇنىڭغا قايىل بولدۇمكى، ئەگەر ئۆتمۈشتە ئەمەلگە ئاشقان بېشارەتلەرنى كەلگۈسىدە ئەمەلگە ئاشىدىغان بېشارەتلەرنىڭ قانداق ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئۆلچىمى دەپ قارىساق، مەسىھنىڭ روھىي ھۆكۈمرانلىقى، يەنى دۇنيا ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن يەر يۈزىدە مىڭ يىللىق بىر دەۋر بولۇشى ۋە يەھۇدىيلارنىڭ قايتىشى ھەققىدىكى كەڭ تارقالغان قاراشلار خۇدانىڭ سۆزىنىڭ قوللىشىغا ئىگە ئەمەس.... مۇقەددەس يازمىلاردا ئەيسا مەسىھنىڭ ئاتىسىنىڭ بارلىق شان-شەرىپى بىلەن ئاسماننىڭ بۇلۇتلىرىدا كېلىپ، بۇ يەر يۈزىگە يەنە چۈشىدىغانلىقى ئېنىق ئۆگىتىلگەنلىكىنى كۆردۈم.
GSAM 120.2«مۇقەددەس يازمىلارنى ئۆگىنىشتە شۇنداق خۇشاللىق ھېس قىلدىمكى، بۇرۇن ئۇنىڭ تەلىملىرىدىن بۇنچىلىك خۇشاللىق تېپىشنى تەسەۋۋۇر قىلىپمۇ باقمىغانىدىم. ئۇنى ئۆگىنىشنى باشلىغاندا قۇتقۇزغۇچىنىڭ كېلىش ۋاقتىنى بايقاشنى كۈتمىگەنىدىم، دەسلەپتە ئۆزۈم يەتكەن نەتىجىگىمۇ ئاران ئىشەندىم؛ لېكىن دەلىللەر ماڭا شۇنچىلىك كۈچلۈك تەسىر قىلدىكى، ئۆزۈم قايىل بولغان نەرسىنى ئىنكار قىلالمىدىم. خۇلاسىلىرىم ئاساسەن مۇقىملاشتى، مەن قۇتقۇزغۇچىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈشكە، ھوشيار تۇرۇشقا ۋە دۇئا قىلىشقا باشلىدىم.»
GSAM 120.3ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ:
GSAM 120.3«مەن ئىشەندىم؛ شۇ ھامان دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭمۇ ئىشىنىپ، سوتچى ۋە كۈيئوغۇل كېلىدىغان چاغدا ئۇنى قارشى ئېلىشقا تەييار بولۇشى ئۈچۈن، بۇ تەلىمنى ئېلان قىلىش بۇرچى كۆڭلۈمگە چوڭقۇر ئورناشتى. بۇ يەردە ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئېغىر سىناقلىرىمنى تەپسىلىي بايان قىلىشىمنىڭ ھاجىتى يوق. شۇنى ئېيتسام يېتەرلىككى، بىرنەچچە يىلدىن كېيىن خۇدانىڭ روھى، ھەقىقەتنىڭ كۈچى ۋە جانلارغا بولغان سۆيگۈ مېنى ئۆز كرېستىمنى كۆتۈرۈپ، بۇ ئىشلارنى ئۆلۈمگە ۋە ھالاكەتكە يۈزلىنىۋاتقان دۇنياغا جاكارلاشقا مەجبۇر قىلدى.»
GSAM 120.4باشقا دۆلەتلەردە بۇ خەۋەرنىڭ تەسىرى بىلەن ھەرىكەتكە كەلگەن كىشىلەرگە ئوخشاش، مىللېر ئەپەندىمۇ دەسلەپتە گېزىت-ژۇرناللارغا ۋە رىسالىلەرگە يېزىپ نەشر قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىگە تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىنى ئادا قىلىشنى ئويلىغان. ئۇ ئۆز قاراشلىرىنى تۇنجى قېتىم ۋېرمونت شىتاتىنىڭ براندون شەھىرىدە بېسىلىدىغان باپتىستلار گېزىتى «ۋېرمونت تېلېگرافى»دا ئېلان قىلغان. بۇ 1831-يىلى ئىدى. ئۇ بۇ تېمىدا تۇنجى قېتىم 1832-يىلى ئامما ئالدىدا سۆز قىلغان. ئۇ شۇ يىغىلىش ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «رەب يىغىلغانلارغا ئۆز مېھىر-شەپقىتىنى تۆكتى، نۇرغۇن كىشى ئىشىنىپ، جانلىرى قۇتقۇزۇلدى.»
GSAM 121.11836-يىلى ئۇنىڭ نۇتۇقلىرى ئەينى دەۋردىكى بەزى گېزىت-ژۇرناللاردا بېسىلغان. 1837-38-يىللىرىنىڭ قىشىدا نۇتۇقلىرى بىر رىسالە بولۇپ نەشر قىلىنغان. 1838-يىلى 204 بەتلىك ئىككىنچى بىر رىسالە بېسىلغان؛ مىللېر ئەپەندى بۇ رىسالىدە ئوسمانلى ھاكىمىيىتىنىڭ 1839- ياكى 1840-يىلى يىقىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ چوڭ شەھەرلەردە تۇنجى قېتىم نۇتۇق سۆزلىشى 1836-يىلى بولغان. ئۇ شۇ چاغدا ماسساچۇسېتس شىتاتىدىكى راندولف، لوۋېل، گروتون ۋە لىن شەھەرلىرىدە سۆز قىلغان.
GSAM 121.21840-يىلىغىچە، مەسىھنىڭ يېقىندا كېلىشى توغرىسىدا ئامما ئالدىدا سۆز قىلىشتا مىللېر ئەپەندى دېگۈدەك يالغۇز ئىدى. شۇ يىلى تۇيۇقسىز يۈزلىگەن كىشى ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ خەۋەرنى جاكارلىغان. بۇ چوڭ ئۆزگىرىشنىڭ سەۋەبىنى كېيىنكى بابتا بايان قىلىمىز. 1839-40-يىللىرىنىڭ قىشىدا مىللېر ئەپەندى ئېكسىتېر، نيۇ ھەمپشىردا بىر قاتار نۇتۇقلارنى سۆزلىگەن. ئۇ شۇ يەردە ئاقساقال ج. ۋ. ھايمز بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەن. ھايمز شۇ چاغدا بۇ ئېتىقادنى قوبۇل قىلغان، شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ ئاقساقال مىللېر بىلەن يانمۇيان تۇرۇپ، مەسىھنىڭ ئىككىنچى قېتىم كېلىشى توغرىسىدىكى ئۇلۇغ خەۋەرنى نەشر قىلىدىغان ۋە قىزغىن جاكارلايدىغان كىشى بولغان.
GSAM 121جوشۇئا ۋ. ھايمز
GSAM 121.3بۇ ئۇلۇغ ھەرىكەتتىكى بۇ قىزغىن خىزمەتكار توغرىسىدا، ئۇنىڭ تەرجىمىھالىنى يازغان كىشىنىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈشتىن ياخشىراق يول يوق: —
GSAM 121.4«جوشۇئا ۋ. ھايمز 1805-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى رود ئايلاند شىتاتىنىڭ ۋىكفورد شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى غەربىي ھىندىستان تاقىم ئاراللىرى بىلەن سودا قىلىدىغان سودىگەر سۈپىتىدە تونۇلغان، شۇنداقلا ۋىكفوردتىكى مۇقەددەس پاۋلۇس ئېپىسكوپال جامائىتىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزاسى ئىدى. ئانىسى مۇلايىم مىجەزلىك بولۇپ، قۇتقۇزغۇچىنى سۆيەتتى؛ ئۇ بۇ سۆيگۈنى قىزىقىپ ئاڭلايدىغان ئوغلىنىڭ قۇلىقىغا قۇياتتى.
GSAM 121.5«دادىسى ئوغلى جوشۇئانى ئۆزى تەۋە بولغان جامائەتنىڭ دىنىي خىزمىتىگە تەربىيەلەشنى مەقسەت قىلغانىدى، لېكىن ئەھۋال بۇنىڭغا يول قويمىدى. خۇدانىڭ ئۇ ئوغۇلغا قىلدۇرىدىغان باشقا بىر خىزمىتى بار ئىدى، ئۇ ئىشلارنى كۆزلەنگەن نەتىجىگە ئېرىشتۈرىدىغان يولدا ئورۇنلاشتۇرۇۋاتاتتى. 1817-يىلى دادىسى قىممەتلىك بىر تۈركۈم مالنى كاپىتان كارتېرنىڭ باشقۇرۇشىدا يولغا سالدى، ئالېكساندېر ستىۋارتنى مال مەسئۇلى قىلدى. بۇ كىشىلەر ساداقەتسىزلىك قىلدى؛ غەربىي ھىندىستان تاقىم ئاراللىرىدىكى بىر پورتقا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، كېمە بىلەن مالنىڭ ھەر ئىككىسىنى سېتىۋېتىپ قاچتى. بۇ ۋەقە ياش جوشۇئانىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن تۈزۈلگەن بارلىق پىلانلارنى ئۆزگەرتىۋەتتى. ئۇنى رود ئايلاند شىتاتىنىڭ پروۋىدېنس شەھىرىدىكى براۋن ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئەۋەتمەكچى بولۇشۇۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئورنىغا، 1821-يىلى 4-ئايدا ئۇ ماسساچۇسېتس شىتاتىنىڭ نيۇ بېدفورد شەھىرىگە ئېلىپ بېرىلىپ، ئۆي جاھازلىرى ياساش ھۈنىرىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ۋىليام نايتسقا توختاملىق شاگىرت قىلىپ بېرىلدى.
GSAM 122.1«يېڭى تۇرالغۇسىغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ ئۆز ھۈنىرىنىڭ ئۇستىسى بولۇشقا بەل باغلاپ، تاپشۇرۇلغان خىزمەتكە ئەستايىدىل كىرىشتى. لېكىن ئۇزاق ئۆتمەي، ئەتراپىدىكى دىنىي مۇھىتنىڭ بەزى تەرەپلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدىغانلىقىنى بايقىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ‹ئۇستام يەككە ئىلاھچىلار مەزھىپىدىن ئىدى، ئۇ مېنى ئۆز جامائىتىگە ئېلىپ باراتتى. پوپ ئورۋىل دىيۇي ئۇ يەردە جامائەت باققۇچىسى ئىدى. ئۇ يېقىندا ئەنئەنىۋى ئېتىقادتىن قايتقانىدى. ئېپىسكوپ گرىزۋولد ۋە ۋىكفوردتىكى مۇقەددەس پاۋلۇس جامائىتىنىڭ باش پوپى ۋىليام بېرگېنىڭ قولىدا ئالغان تەربىيەم، شۇنداقلا رود ئايلاند شىتاتىنىڭ پروۋىدېنس شەھىرىدىكى مۇقەددەس يۇھاننا جامائىتىنىڭ سۆزگە چېچەن دوكتور كروكېرنىڭ نۇتۇقلىرىنى دائىم ئاڭلىشىم، دىيۇي ئەپەندىنىڭ مەسىھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ تەلىملىرىنى چېچەنلىك بىلەن ئىنكار قىلىشىنى قوبۇل قىلىشىمغا تامامەن يول قويمىدى.›
GSAM 122.2«ئۇ چاغدا نيۇ بېدفوردتا ئېپىسكوپال جامائىتى بولمىغانلىقتىن، ئۇ بىرىنچى خىرىستىيان جامائىتىنىڭ [شاگىرتلار جامائىتى ئەمەس] يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىشنى قارار قىلدى، كېيىن شۇ جامائەتكە قوشۇلدى. ئۇ: ‹بۇ يەردە مەن ئوچۇق مۇقەددەس كىتابنى ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنى تاپتىم، ھەر ئىككىسىدىن ياخشى پايدىلاندىم›، دەيدۇ. بۇ جامائەت پوپ مۇسا ھاۋنىڭ بېقىشىدا ئىدى. پوپ كلاف ئەپەندى 1823-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى جوشۇئا ۋ. ھايمزنى سۇغا چۆمۈلدۈردى. ئۆز خوجايىنىغا بولغان قىزغىنلىق بىلەن يۈرىكى يانغان بۇ يىگىت 18 يېشىدىلا كرېست توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئېيتىشقا ۋە كىشىلەرنى تەۋبە قىلىشقا ئۈندەشكە دەرھال باشلىدى. ئۇ ئۆزى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: —
GSAM 122.3«‹مەن ئۇزاق ئۆتمەي نەسىھەت قىلغۇچى بولدۇم، ئىنئامىمنى يېتىلدۈرۈشۈمگە رۇخسەت بېرىلدى.... شاگىرتلىق مۇددىتىمنى رازىمەنلىك بىلەن تاماملاپ، ماختاشقا ئېرىشتىم. لېكىن 5 ياكى 6 يىل بويىچە ئارتۇق ئىشلەشنى ئادەت قىلدىم؛ شۇنداق قىلىپ ھەر ھەپتىدە ئۆگىنىش ۋە موھتاج مەھەللىلەردە خۇش خەۋەر تارقىتىش خىزمىتى ئۈچۈن 1 ياكى 2 كۈن ۋاقىت تاپتىم. بۇ خىزمەتنىڭ مېۋىلىرىنى جامائەت باققۇچىمغا تاپشۇراتتىم.›
GSAM 123.1«1825-يىلى ئۇ ماسساچۇسېتس شىتاتىنىڭ جەنۇبىدىكى خىرىستىيان جامائەتلىرى كونفېرېنسىيەسىنىڭ خۇش خەۋەر تارقاتقۇچىسى بولۇپ تەيىنلەندى. ئاقساقال ھايمز مۇنداق دەيدۇ: ‹خۇش خەۋەر تارقاتقۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىنى قامدايدىغان پىلانمۇ، مەبلەغمۇ يوق ئىدى؛ شۇڭا ئۆز تۇرمۇشۇمنى قامداش ئۈچۈن سودا قىلىشقا، قولۇمدىن كەلگىنىچە ۋەز ئېيتىشقا بەل باغلىدىم.›
GSAM 123.2«1828-يىلى ئۇ نيۇ بېدفوردتىن گۇمان ياكى كۈچسىزلىك بىلەن ئەمەس، بەلكى چوقۇم غەلىبە قىلىدىغان قەتئىي ئىرادە بىلەن ئايرىلىپ، پىلىمۇتقا باردى. ئۇ يەردە مەكتەپلەردە، ۋاقىتلىق ھازىرلانغان ئۆيلەردە ۋە ئۆزىنى ئاڭلايدىغان كىشى تېپىلغان ھەرقانداق جايدا خۇدانىڭ سۆزىنى جاكارلىدى. 1829-يىلى ئۇ فال رىۋېردا ئوخشاش خىزمەتنى داۋاملاشتۇردى؛ بۇ خىزمەت 1830-يىلىغىچە داۋاملاشتى. شۇ يىلى ئۇ بوستونغا كۆچۈپ، بىرىنچى ۋە ئىككىنچى خىرىستىيان جامائەتلىرىنىڭ باققۇچىسى بولدى؛ ئۇ بۇ يەردە 33 يىل تۇردى. 1839-يىلى ئۇ مەشھۇر ئاقساقال ۋىليام مىللېر شەرھلىگەن مەسىھنىڭ قايتا كېلىشى تەلىمىگە ئېتىقاد قىلدى. ئۇ بۇ يېڭى خىزمەتكە بارلىق قىزغىنلىقى بىلەن كىرىشتى، ئۇنىڭ دىنىي خىزمىتى ئوت ۋە كۈچكە تولدى. 1840-يىلى ئۇ «زاماننىڭ ئالامەتلىرى»نى نەشر قىلىشقا باشلاپ، پۈتۈن قەلبىنى بېغىشلىغان بۇ ئىشنى تەشۋىق قىلدى. ئۇ بارلىق پۇلىنى، بارلىق ئەمگىكىنى، بارلىق كۈچىنى بۇ ئىشقا بېغىشلىدى، نەتىجىدە مىڭلىغان كىشى ئېتىقادقا كەلدى.»
GSAM 123مىللېر بىلەن ھايمزنىڭ بىرلىكتە قىلغان خىزمەتلىرى
GSAM 123.31840-يىلىدىن 1844-يىلىنىڭ كۈز پەسلىگىچە ئاقساقال مىللېر بىلەن ئاقساقال ھايمز كۆپىنچە بىرلىكتە خىزمەت قىلىپ، شەھەردىن شەھەرگە يۈردى؛ يازدا غايەت زور چېدىرى بىلەن، قىشتا جامائەت ئۆيلىرىدە ۋە ئاممىۋى زاللاردا خىزمەت قىلدى. ئاقساقال ھايمزنىڭ تېنىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇشى ئۇنى 92-يېشىغا قەدەم قويغىچە ساقلاپ كەلدى. ئۇنىڭ ئەقلىي قابىلىيەتلىرى ئاخىرغىچە كۈچلۈك ئىدى. 1894-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئۇ مىچىگان شىتاتىنىڭ لەنسىڭ شەھىرىدىكى لاگېر مەيدانىدا يىغىلغان 3000 دىن ئارتۇق يەتتىنچى كۈن ئادۋېنتىستلىرىغا ئىنتايىن تەسىرلىك بىر نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇ بۇرۇنقى كۈنلەردىكى قىزغىنلىق ۋە كۈچنىڭ كۆپ قىسمىنى ساقلىغان ھالدا سۆزلەۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. 91-يېشىغا قەدەم قويۇپ 3 ئاي بولغان، ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، شۇ كېسەل بىلەن كېيىنكى يىلى ۋاپات بولغان بۇ كىشى ئۈچۈن بۇ ھەقىقەتەن ھەيران قالارلىق ئىش ئىدى.
GSAM 124.1ئاقساقال مىللېر بىلەن ئاقساقال ھايمز ئامېرىكىدىكى مەسىھنىڭ ئىككىنچى قېتىم كېلىشى ھەرىكىتىدە، تەبىر جائىز بولسا، «جەڭنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە» تۇراتتى. ئۇلار مەسىھنىڭ كېلىشى توغرىسىدىكى تەلىمنى جاكارلاشتا ئۆزلىرى بىلەن بىرگە ئەمگەك قىلغان، ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى مەقسەتتىكى قەتئىيلىك ۋە سەمىمىي دۇرۇسلۇق بولغان ئونلىغان كىشى ئىچىدىكى ئىككىسىلا ئىدى. بۇ كىشىلەر كۆپىنچە دۇنيادا «ئۆز كۈچى بىلەن يېتىلگەن كىشىلەر» دەپ ئاتىلىدىغان تائىپىدىن ئىدى؛ ئۇلار ھاياتنىڭ قاتتىق رېئاللىقىغا يۈزلىنىپ يېتىلگەن، بىر ئىشنىڭ قىممىتىنى مەنپەئەتنى كۆزلەپ ئەمەس، بەلكى پرىنسىپ بويىچە باھالاشنى ئۆگەنگەنىدى. ئۇلار ئاقساقال مىللېرنىڭ ئېيتىشىچە، جامائەتلەردىن بۇ خەۋەرنى ئادەتتە قوبۇل قىلىدىغان «ئەڭ تەقۋادار، ئۆزىنى بېغىشلىغان ۋە روھىي ھاياتلىققا تولغان ئەزالار»نىڭ خىسلىتىگە ئىگە ئىدى. ئادۋېنتىستلار ھەرقايسى جامائەتلەردىن ئاخىرقى قېتىم ئايرىلغاندىن كېيىن، شۇ جامائەتلەرنىڭ دىنىي خىزمەتكارلىرى: «ئۇ [بۇ تەلىم] پادىمىزنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىنى ئېلىپ كەتتى»، دەپ بۇ پاكىتنى ئىسپاتلىغان.
GSAM 124باشقا كۆزگە كۆرۈنگەن ئادۋېنتىست ۋەزخانلار
GSAM 124.2ئاشۇ دەسلەپكى دەۋرلەردىكى ھەرىكەتتە ئاقساقال مىللېر ۋە ئاقساقال ھايمز بىلەن بىرگە كۆزگە كۆرۈنەرلىك رول ئوينىغان بەزى كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى تىلغا ئېلىش قىزىقارلىق بولۇشى مۇمكىن. تىزىملىكنىڭ بېشىدا ئوھايو شىتاتىنىڭ كلېۋېلاند شەھىرىدىن بولغان چارلىز فىچ بار. ئۇ 1842-يىلى دانىيال ۋە ۋەھىي كىتابلىرىدىكى غايىبانە كۆرۈنۈشلەرنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن جەدۋەللەرنى تەييارلاش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ پىكىرنىڭ ئاساسى ھاباققۇق 2:2، 3 تىن كەلگەن. چارلىز فىچ 1844-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى ۋاپات بولغان.
GSAM 124.3فىلادېلفىيەدىن بولغان دوكتور جوزايا لىچ. كېيىنكى بابتا كۆرىدىغىنىمىزدەك، رەب ئۇنى بىر ھەقىقەتنى جاكارلاشقا دەۋەت قىلغان؛ بۇ ھەقىقەت ئەمەلگە ئاشقاندا، كىشىلەرنىڭ مەسىھنىڭ كېلىشى توغرىسىدىكى خەۋەرگە بولغان قىزىقىشى تۇيۇقسىز ۋە تېز كۈچەيگەن.
GSAM 124.4نيۇيورك شىتاتىنىڭ لوكپورت شەھىرىدىن بولغان ئېلون گالۇشا تونۇلغان بىر باپتىست دىنىي خىزمەتكارى ئىدى. ئۇنىڭ رەبنىڭ يېقىندا كېلىشى توغرىسىدىكى يازمىلىرى ۋە دىنىي خىزمەتلىرى شۇ مەزھەپ ئىچىدە زور تەۋرىنىش پەيدا قىلغان.
GSAM 125.1نيۇيورك شىتاتىنىڭ سېنېكا فالز شەھىرىدىن بولغان ئې. ر. پىننېي باپتىست جامائىتىنىڭ ئۆزىنى بېغىشلىغان يەنە بىر دىنىي خىزمەتكارى ئىدى؛ ئۇنىڭ ۋەزلىرى ۋە يازمىلىرى بۇ خىزمەتتە زور كۈچ بولغان. ئۇنى ھەقىقەتەن «يەر يۈزىنىڭ تۇزى» دەپ ئاتاشقا بولاتتى.
GSAM 125.2نيۇيورك شەھىرىدىن بولغان جورج ستورز مەسىھنىڭ كېلىشى تەلىمىگە ئېتىقاد قىلىشتىن ئىلگىرى، كىشىلەرنى روھىي ئويغىنىشقا دەۋەت قىلىدىغان كۆزگە كۆرۈنگەن بىر ۋەزخان ئىدى. ئۇنىڭ يازمىلىرى كىشىلەرنى ئۆزىنى ۋە مال-مۈلكىنى بۇ خىزمەتكە تېخىمۇ تولۇق بېغىشلاشقا ئۈندەشتە زور تەسىر كۆرسەتكەن؛ بولۇپمۇ 2300 كۈننىڭ ئاخىرقى ھەپتىلىرىدە شۇنداق بولغان. ئۈمىدسىزلىنىشتىن كېيىن ئىنساننىڭ تەبىئىتى، ئۆلۈكلەرنىڭ ھالىتى ۋە كەلگۈسىدىكى جازا ھەققىدىكى 6 ۋەزىنى ئادۋېنتىست خەلقى ۋە دۇنيادىكىلەرنىڭ ئويلىنىشىغا سۇنغان كىشىمۇ شۇ ئىدى.
GSAM 125.3پورتلاند، مېيندىن بولغان ئاقساقال ستوكمەن ۋىليام مىللېرنىڭ شۇ شەھەردىكى روھىي ئويغىنىش يىغىلىشلىرىدا ئەستايىدىل خىزمەت قىلغان يەنە بىر كىشى ئىدى. ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ 1843-يىلىنىڭ ئاخىرلىشىشىدىن بىرنەچچە ھەپتە بۇرۇن، ئادۋېنتىست خەلقى رەبنىڭ شۇ ۋاقىتتا كېلىشىنى ئۈمىد قىلىپ كۈتۈۋاتقان چاغدا ۋاپات بولغان.6
GSAM 125.4يەنە باشقا كۆزگە كۆرۈنگەن كىشىلەرمۇ بار ئىدى؛ ئورۇن چەكلىك بولغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنىلا تىلغا ئالىمىز. مەسىلەن، يېڭى ئەھدىنى ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىپ، «ۋايتىڭ تەرجىمىسى» دەپ تونۇلغان تەرجىمىنى تەييارلىغان ن. ن. ۋايتىڭ؛ س. س. سنوۋ، ف. گ. براۋن، ئاپوللوس ھېيل، ل. د. مەنسفىلد، جورج نىدھەم، ئو. ر. فاسسېت؛ جورج، ۋېسلېي ۋە ئېدۋىن بېرنھەم (ئۈچ ئاكا-ئۇكا) بار. ئۇلارنىڭ ھەممىسى خەۋەر يولىدا ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلغان كىشىلەر ئىدى.
Notes
- ھاباققۇق 2:2، 3. ↩
- ۋەھىي 14:6، 7. ↩
- ماركۇس 1:14، 15. ↩
- يوئېل 2:30، 31. ↩
- «مەتتانىڭ 24-بابىنىڭ شەرھى»، 49-60-بەتلەر. س. بلىس، بوستون، ماسساچۇسېتس، 1843. ↩
- «دەسلەپكى يازمىلار»نىڭ 17-بېتىدە تەسۋىرلەنگىنىدەك، ئاقساقال فىچ بىلەن ئاقساقال ستوكمەننىڭ ئۆزلىرى ئۇيقۇغا كەتكەندىن بۇيان نېمىلەرنىڭ بولغانلىقىنى بىلىشكە نېمىشقا تەشنا ئىكەنلىكىنى ئاسانلا چۈشىنىشكە بولىدۇ. ↩